باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»ئەھۋالى قانداق(4)

2013.07.24 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمقى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاشكارلىغان نەق چوتىغا قارىغاندا، %90تىن كۆپرەك تارماقنىڭ«ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمى ئازايغان، مەسىلەن، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتىكى «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»چىقىمى ئاساسەن دىگۈدەك خام چوتتىن خېلى كۆپ ئازايغان. بىراق يەنە بىر قىسىم تارماقلارنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمى خامچوتتىن خېلىلا ئارتىپ كەتكەن، مەسىلەن دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتىتى قاتارلىقلار. بۇ تارماقلار «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» نىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاشكارلىغان مەزمۇنلار ئىچىدىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتىنىڭ 2012-يىللىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» مالىيە چىقىمى خامچوتى 43 مىليون 277مىڭ 400 يۈەن ئىدى، چىقىم نەق چوتى 49 مىليون 480 مىڭ يۈەن بولۇپ، خامچوتتىن 6 مىليون 202 مىڭ 600 يۈەن ئېشىپ كەتتى، ئېشىش نىسبىتى %14.33 بولدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى. ئېشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: 2012-يىلى خىزمەت سەۋەبىدىن چىگرىدىن چىقىش كۆپىيىپ كەتتى، پارتىيە مەركىزى كومىتىتى، گوۋۇيۈەننىڭ ۋاقىتلىق ۋەزىپىلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ياۋروپا شەھەر بازارلاشتۇرۇش ھەمكارلىق شېرىكلىرى يۇقىرى قاتلام يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، مىنىستىر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ھەمدە مىخانىزىم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەچكە، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چىگرىدىن چىقىش پۇلى كۆپەيدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتىنىڭ 2012-يىللىق «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» نەق چوتىدا، خىزمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ئاسراش ھەققى 6 مىليون 468 مىڭ 900 يۈەن بولۇپ، خام چوتتىن %9.47 ئازايغان. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتىۋېلىش ئۈچۈن 6 مىليون 16 مىڭ 900 يۈەن خەجلەنگەن بولۇپ، %1.06 ئازايغان. بەي جىڭمىڭنىڭ قارىشىچە، مەركەز تارماقلىرىنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمى ئومومىي جەھەتتىن ئازلىغان، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مەركەزنىڭ تىجەشلىك بولۇشقا ئالاقىدار ھەر خىل تەلەپلىرىنى ئەستايدىل ئەمىيلىلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا پۈتۈن يىللىق ئەمەلىي چىقىم خامچوتقا قارىغاندا ئازلىغان. بۇنىڭدىن سىرت بىر قىسىم تارماقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، بىر قىسىم يىغىن ۋە زىيارەتلەر كەينىگە سۈرۈلگەن ياكى بىكار قىلىنغان، شۇ سەۋەبدىن ئەمەلىي چىقىم خام چوتتىن كېمەيگەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە