باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»ئەھۋالى قانداق(3)

2013.07.24 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇتەخخەسىسىلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يىغىلغاندىن تارتىپ ئىشلىتىلگىچە بولغان جەريان چوقۇم ئاشكارلىنىشى كېرەككەن. ھازىر، گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارلاش نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2013-يىلى مەركىزى تارماقلىرىنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى يەنىمۇ تەپسىلىي ئاشكارلاش،«ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» خام چوت نەق چوت سوممىسى ۋە تارماق تۈرلىرىنىڭ سانى ئاشقان مەركەز تارماقلىرى ئېشىش سەۋەبىنى ئېنىق چۈشۈندۈرۈشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەز تارماقلىرىنىڭ 2014-يىللىق خام چوت تۈزۈلمىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىشنى ئىنچىكىلەشتۈرگەن ھالدا سېتىۋىلىش پۇلى ۋە ئىشلىتىش پۇلى دەپ ئاشكارلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بەي جىڭمىڭ مۇنداق دىدى: بۇ مۇنداق بىر سېگنالدىن دېرەك بېرىدۇ. دۆلىتىمىز خام چوتى تومتاقلىقتىن ئىنچىلىكىلىشىشكە، تېيىزلىكتىن چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خامچوتنى ئاشكارلاش بىر خىل تۈزۈم سۈپىتىدە، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىىي باشقۇرۇش ۋە مالىيە باج ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تۈرتكىسىگە ئايلىنىدۇ. بەي جىڭمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى. ھازىر دۆلىتىمىز خامچوت ۋە نەقچوتىنىڭ ئاشكارلىنىش دەرىجىسى بىلەن ئاممىنىڭ ئارزۇسى ئارىسىدا پەرق مەۋجۈد. مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشكارلاش سالمىقى يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس، قەدەمنى يەنە تېزلىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشكارلانغان مەزمۇن ئاممىۋى مۈلۈك مالىيىسىنىڭ خام چوت نەق چوتىلا بولماستىن، يەنە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شۇنداقلا ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى، بارلىق ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغنى يىغىشتىن تەقسىملەشقىچە بولغان تەپسىلات ۋە جەريانمۇ تولۇق ئاشكلارلىنىشى كېرەك. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند قانداق جايغا ئىشلىتىلدى، قايسى تۈرلەر قۇرۇلدى، دۆلەت مۈلكىنىڭ پايدىسى قانداق بولىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش كېرەك. ئاشكارلاش قانچە كونكېرت بولسا، ھىساباتمۇ شۇنچە ئېنىق بولىدۇ. ئاشكارلاش ئۇسۇلى چۈشىنىشلىك بولۇشى، ئاشكارلانغان مەزمۇنمۇ كونكېرت ئەمەلىي بولۇش كېرەك. ئاممىنى چوڭ ھىساباتنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغانلا ئەمەس، ئىنچىكە ھىسابنىمۇ بىلەلەيدىغان ھالەتتە ئاشكارلاپ، ئاممىنىڭ بىلىش ھوقوقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم تارماقلارنىڭ چىقىمى كۆپىيىپ كەتتى؟

  ۋاقىتلىق ۋەزىپىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا مۇنسىۋەتلىك چىقىملار كۆپەيدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان مەركەز نەقچوت دوكلاتىغا قارىغاندا، 2012-يىلى مەركەز تارماقلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى مالىيەدىن ئاجراتقان«ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمى 7 مىليارد 425 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتتىن 559 مىليون يۈەن كېمەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چىگرىدىن چىقىش خىراجىتى 1 مىليارد 945 مىليون يۈەن يېتىپ، 200 مىليون يۈەن ئازايتىلغان. ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش خىراجىتى 4 مىليارد 67 مىليون يۈەنگە يېتىپ 281 مىليون يۈەن ئازايتىلغان. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتىۋېلىش خىراجىتى 1 مىليارد 413 مىليون يۈەن بولۇپ، 78 مىليون ئازايتىلغان.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە