جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى 20-ئىيۇل كەچ رەسمىي باشلاندى.
ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان سەر خىل، مول ـ مەزمۇنلۇق، ئۆزگىچە نومۇرلار بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بېيىتتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار «ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى»دا جەم بولۇشۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە قىزغىنلىقىنى ئورتاق ئىزھار قىلىشنى باشلىۋەتتى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد ئىدرىسى خەۋىرى)