بۇ 19-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا-غەربىي قىسىم شەھىرى دېترويتتا تارتىلغان تاشلىۋېتىلگىلى ئۇزۇن بولغان پاكارد زاۋۇتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكارد ئالدىنقى ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم بولغان ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن كلاسسىك ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقارغان. بىراق خاتا تەدبىر بەلگىلەش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئەڭ ئاخىرقى بىر ماشىنا 1958-يىلى پۈتكەندىن كېيىن، زاۋۇتمۇ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن چۈشۈپ قالغان. ئىلگىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن زاۋۇت بۈگۈنكى كۈندە چۆلدەرەپ، تەۋەككۈلچىلەر ۋە سىزمىچىلارنىڭ جەننىتى بولۇپ قالغان.. پاكارد زاۋۇتى جايلاشقان «ئاپتوموبىل پايتەختى» دەپ ئاتالغان دېترويت شەھىرى 18-ئىيۇل شۇ جايدىكى فېدراتسىيە سوتىغا رەسمىي ھالدا ۋەيران بولۇش ئىلتىماسى سۇندى. ئىلگىرىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن «ئاپتوموبىل پايتەختى»دىن بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرگە پەقەت خارابلاشقان قىياپەتلا قالدى.