خەلق تورىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ئارىلىدا 8.9 بال يەر تەۋرەپ، تۈمەنلىگەن كىشى ئاپەتتە ئۆلۈپ كەتكەن، فۇكۇشىما ئارىلىدىكى بىرىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەگە ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، يادرو رادىئاتسىيەسىنىڭ قارا كۆلەڭگىسى تېخى يوقاپ كەتمىدى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، فۇكۇشىما ئارىلىدا يۈز بەرگەن يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئوزۇقلۇق زەنجىرىگە تەسىر قىلىشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ. توردا تارقىلىپ يۈرگەن سۆرەتلەردىن قارىغاندا، «تۇيۇقسىز گېن ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن كۆكتاتلار» پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كورىيەنىڭ مەلۇم بىر تور بېتى يېقىندا يادرو رادىئاتسىيەسىدىن بۇلغانغان گۈل، كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنىڭ سۆرىتىنى ئېلان قىلغان. سۆرەتتە كۆپ ساندىكى مېۋىلەرنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ،ھۈررەكلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالغان. ئىككى شاپتۇل بىر بىرىگە چاپلىشىپ،«8» رەقىمىگە ئوخشاپ قالغان. 4 تال ئاپلېسىن غولىدىن باشلاپلا ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ كەتكەن، بىر تال موگونى غولى تىشىپ چىققان، كاللەك يېسىۋېلەك نورمال چوڭلۇقىدىن 4~5 ھەسسە چوڭىيىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سۆرەتتىكى بىر تال پېدىگەننىڭ غولىدىن بانانغا ئوخشاش يەنە بىر قانچە پېدىگەن ئۆسۈپ چىققان، تەرخەمەككە يوپۇرماق چىقىپ، پەمىدۇرغا يېشىل بىخ چىقىپ قالغان، كىچىك تۇرۇپقا بەش بارماق ئۆسۈپ قالغان، ھەتتا ئاپتاپپەرەسنىڭمۇ بىر گۈل تەخسىسىدە «نۇرغۇن چىرايلار» ئۆسۈپ چىققانىدى.