خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا سائەت 16دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، مەلىكە كەيتى سان مارىيە دوختۇرخانىسىدا يەتتە جىڭ 6 سەر ئېغىرلىقتىكى بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغدى.
ئەنئەنە بويىچە، بۇككىنخام ئوردىسى بۇ خۇشخەۋەرنى ئېسىل رامكىغا ئېلىپ ئوردا ئالدىدا ئېسىپ قويدى.
ئېيتىلىشىچە، مەلىكە كەيتى ۋە بوۋاقنىڭ «سالامەتلىكى ياخشى» ئىكەن، ئۇلار بۈگۈن كېچىنىمۇ دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزىدىكەن.شاھزادە چارس ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، خانىشى گامىلا ئىككىسىنىڭ «ئوغۇل نەۋرە كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشاللانغانلىقى»نى بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)