باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېترويىت ۋەيران بولغانلارنى قوغداش ئىلتىماسى سۇندى(4)

2013.07.23 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېتروئىتلىقلار يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ چېكىنمەي ئېشىشىدىكى سىرنى بىلەلمەي قالغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئايرىم كۈچلۈك كارخانىلارغا باغلىماستىن، بەلكى ئىستراتېگىيە جەھەتتە ماسلىشىپ ئۆزگىرىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق شەھەر ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ساقلىماقچى بولغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىدا دېتروئىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى قوغداش دېلوسى تۇنجى دېلو ئەمەس، بۇندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن تۇرالغۇ ئۆي كۆپۈكى يېرىلدى، باج كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەمگەك تەننەرخى ئۆرلەپ كەتتى، ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قىزىل رەقىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، مالىيە يوچۇقى روشەنلەشتى.

  ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، تەخمىنەن 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ستوكتون شەھىرى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇندىن كېيىن، تەخمىنەن 8 مىڭ نوپۇسى بولغان مامموس لېكىس شەھىرى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇندىن كېيىن تەخمىنەن 210 مىڭ نوپۇسى بولغان سانبېرناردېنو شەھىرى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ شەھەرلەرنىڭ مالىيە كىرزىسىگە پېتىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئوخشاش ئەمەس، لېكىن پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتلاش، مالىيەنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى كەمچىل بولۇش- قىيىنچىلىقنى ئېغىرلىتىۋەتكەن ئورتاق سەۋەب.

  ئەلۋەتتە ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ ئامىللارمۇ بار، كونا سانائەت شەھىرى پىتىسبورگ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، داۋالاش بىلەن مۇھىت ئاسراش قاتارلىق يېشىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئىس-تۈتەكلىك شەھەردىن ئامېرىكىدىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان شەھەرگە ئۆزگەردى. پىتىسبورگنىڭ تەجرىبىلىرى شەھەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە