باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېترويىت ۋەيران بولغانلارنى قوغداش ئىلتىماسى سۇندى(3)

2013.07.23 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، دىترويىت يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلدى. كەسىپ ۋە ئىقتىساد ئاجىزلاشتى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلار ۋە شەخىسلەر بۇ يەردىن ئايرىلدى، شۇ سەۋەبلىك يەنە مەبلەغ سېلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ناچارلاشتى. تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئاھالە سىرتقا كۆچۈپ كەتتى. ئىقتىساد بىلەن كەسىپ يەنە داۋاملىق ئاجىزلاشتى.

  يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، دېتروئىت شەھىرىنىڭ نوپۇسى %25 ئازايدى، ھازىر شەھەر نوپۇسى 700 مىڭ ئەتراپىدا، پېنسىيە پۇلى ئالىدىغانلار بىلەن خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ نىسبىتى ئىككىدە بىر بولۇپ، جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى يېتىشمەيدۇ، مالىيە يۈكى ئېغىر، باج مەنبەسى قۇرۇق. ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقى بار.

  دېتروئىتنىڭ زوۋاللىققا يۈز تۇتۇشى، ئەلۋەتتە كەسىپلەرنىڭ ناچارلىشىشىدىكى ئوبيېكتىپ ئامىل، لېكىن شەھەر باشقۇرغۇچىلاردا ئىستراتېگىيەلىك نەزەر كەمچىل، كەسىپلەر چوڭقۇر تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرمىگەن ئەھۋالدا شەھەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ۋاقتىدا تەڭشىشى دېتروئىتنىڭ ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

  كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە زوۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ئالدىدا، دېتروئىتنىڭ سىياسىي قاتلامدىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولمىدى، ئالايلۇق: تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىتروئىتتىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى نىسبىتى دائىم %40 بولغان، ئەمما ئەتراپتىكى بەزى كىچىك شەھەرلەردە ئون نەچچە پىرسەنت بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېتروئىت شەھەر رايونىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، شەھەر باشقۇرۇش تەرتىپسىز بولغان، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق كېتىپ قالغان.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە