باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېترويىت ۋەيران بولغانلارنى قوغداش ئىلتىماسى سۇندى(2)

2013.07.23 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىترويىت بىر دەمدىلا پەيدا بولغان يەنە بىر دەمدىلا ۋەيران بولغان شەھەر ئەمەس. بۇ شەھەرنىڭ خارابلىشىشىدا ئامېرىكا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىترويىتنىڭ شەھەر باشقۇرۇشىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكى، تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىدەك سوبىيكتىپ ئامىللارمۇ بار.

  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، «ئاپتوموبىل شاھى» ھېنرى فورت دىترويىتتا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، دىترويىت ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئىچىپ، دىترويىتنىڭ ئامېرىكا ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزىگە ئايلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى.

  20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى دىترويىت نوپوسى بىر مەھەل بىر مىليون 800 مىڭغا يەتكەن، 60-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يەرلىكتە ئېرقىي زىددىيەت كېلىپ چىقىپ، ئاپتوموبىل سانائىتى ئېغىز زىيانغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 70-يىللاردىن باشلاپ ياپونىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئاپتوموبىل دۆلەتلىرى باش كۆتۈرۈپ چىققاچقا، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ دىترويىتنىڭ ۋەيران بولىشنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. يۈز يىلدىمۇ تەستە كۆرىلىدىغان پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى دىترويىت ئىقتىسادىنى تەلتۈكۈس ۋەيران قىلغان ئەجەللىك زەربە بولغان. پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى مەزگىلىدە، ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، سېتىلىش مىقدارى ئشىددەت بىلەن ئازلاپ كەتكەن، بۇ تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە شەخسنىڭ دىترويىتتىن كېتىشىگە سەۋەب بولغان.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە