باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېترويىت ۋەيران بولغانلارنى قوغداش ئىلتىماسى سۇندى(1)

2013.07.23 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ « ئاپتوموبىل شەھىرى» دەپ نام ئالغان دىترويىت قەرزنىڭ كۆپلىكىدىن ۋەيران بولغانلارنى قوغداش ئىلتىماسىنى رەسمىي سۇندى. دىترويىت زادى قانداق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ نىمە ئۈچۈن تۈنۈگۈنكى مۇھىم ئاپتوموبىل شەھىرى بۈگۈنكى قۇرۇغدىلىپ قالغان ئالۋاستى شەھىرىگە ئايلىنىپ قالدى؟

  دىترويىتنىڭ ۋەيران بولۇشنى قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى يەرلىك مالىيەنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان قەرزنى قايتۇرۇشقا مادارى يەتمىگەنلىكىدىن. قەرز ئىگىسى بىلەن قەرزنى قايتىدىن تەشكىللەش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، دىترويىت ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنىنىڭ 9-بابىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مىچىگان شەرقىي رايونلۇق ۋەيران بولۇش سوتىغا ۋەيران بولۇشنى قوغداش ئىلتىماسى سۇندى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋەيران بولۇشنى قوغداش ئىلتىماسىىنى سوت مەھكىمىسى تەستىقلاپلا قالسا، دىترويىت ھۆكۈمىتى قەرز ئىگىسىنىڭ ئەرز قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ھەمدە بىر مەزگىللىك دېمىنى ئېلىۋالىدۇ. بۇ تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىدىن. يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىكنىڭ يېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ قەرزنى قايىدىن تەشكىللەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە