شاڭخەي شەھەرلىك ئوپىرا تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن 4 پەردىلىك تارىخىي مۇزىكىلىق تىياتىر «ئىپارخان» 17-ۋە 18-ئىيۇل كۇنلىرى قاغىلىق ناھىيەسى كوئېنلۇن تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى.
بۇ تىياتىرنى شاڭخەي نويىن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك ئوپىرا تىياتىرخانىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ،بۇ تىياتىر ياز، قىش، كۈز ۋە ئەتىيازدىن ئىبارەت 4 بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، غەربىي يۇرت تۇرمۇشى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان. بۇ تىياتىردا ئىپارخاننىڭ ئەقىل-پاراسىتى، گۈزەللىكى ۋە سەممىي ھېسسىياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھېسسىي تۇرمۇش شەكلى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تىياتىرنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە ئوينىلىشىنى شاڭخەي شەھرىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە ياردەم بىرىش قۇماندانلىق شىتابىي ماسلاشتۇرغان.سۈرەتتە: ئوپىرادىن كۆرۈنۈش. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى ۋە فوتوسى)