خەلق تورىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمى ۋە ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى رايونلار بۇ يىل يازدا كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇنلۇق ھاۋارايىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 19 شىتاتنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسسىق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، ئاز دېگەندىمۇ 6 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن.