خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل شىجياجۇاڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 17-چېسلا، تاراتقۇلار خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بىر نامرات ناھىيەسىدىكى بازارلىق پارتكوم شۇجىسى يۆ شۇۋاڭنىڭ قىزىنىڭ تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. 18-چېسلا ناھىيەلىك پارتكومدىن ئىگىلىشىمىزچە، پىڭدىڭباۋ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۆ شۇۋاڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپتۇ. (لى جۈنيى، يۆ ۋېنتىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)