ئامېرىكا نېۋادا ئىشتاتى قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ ئالەمدىكى جەننىتى ماكان دەپ ئاتالغان «پەرۋازدىكى فونتان» (Fly Geyser) بار ئىكەن. بۇ فونتان نېۋادا ئىشتاتىدىكى گۋېرراھنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 20 مىل (تەخمىنەن 32 كىلومېتىر) كېلىدىغان جايدا بولۇپ، 1916-يىلىدىكى بىر قېتىملىق قۇدۇق قېزىشتا يەر ئاستى بۇلاق بولۇپ شەكىللەنگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بۇ بۇلاق تەدرىجى يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ، بۈگۈنكىدەك مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغان فونتاننى شەكىللەندۈرگەن.