ھىندىستان بىخار ئۆلكىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 17-چېسلا مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن بىخار ئۆلكىسىنىڭ ساران رايونىدىكى بىر ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ، 20 بالا قازا قىلدى، 30 بالا پاتىنا دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بىخار ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى نىتىش قازا قىلغان بالىلارنىڭ ھەربىر ئۈچۈن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)