باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشى(4)

2013.07.18 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «كومپيۇتېر ئېتىكا جەمئىيىتى» «ئون ئاگاھ تۈزۈمى»نى تۈزگەن، بۇ «باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق»، «باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك»، «كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ يالغان ئىسپات بەرمەسلىك» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «ئىنتېرنېت تورى ساقلىقىنى ساقلاش فوندى جەمئىيىتى» مۇنبەر ۋە چايخانا قاتارلىق تارقىتىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز تۈرلۈك مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۈزگەن. ئامېرىكا يەنە خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنى نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بەرگەن. «بالىلارنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش تور پونكىتى جەمئىيىتى» تۈرلۈك شەھۋانىي تور پونكىتىنى پاش قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا كۈچەپ، مۇلازىمەت سودىگىرىنىڭ تور ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرغان.

  ئەنگلىيە ئىنتېرنېت تورى كەسپىي تەشكىلاتى «تور كۆزىتىش فوندى جەمئىيىتى»بىلەن تور مۇلازىمىتى قىلىدىغان 50 سودىگەرلەر ئىتتىپاقى تەشكىلاتى، شەھەرلىك ساقچى مەھكىمىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار «بىخەتەر تور: دەرىجىگە ئايرىش، پاش قىلىش، جاۋابكارلىق> كېلىشىمى»نى تۈزدى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋېلىش رەتلەپ مەلۇم قىلىش، مەلۇم قىلىش قائىدىسىنى مەخسۇس كىشى باھالاشقا كاپالەتلىك قىلدى ھەم ساقچىلار بىلەن ماسلىشىپ،IP ئادرېسى ۋە ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ بېكىتىپ، قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى قاتتىق جازالىدى. ئەنگلىيەدە مەھەللىدىكى بەزى ئەل رايى ئاپپاراتلىرىمۇ «تەكلىپ ئۆچۈرۈش» تور پونكىتىدا سۆز ھوقۇقىغا ئىگە.

  كورېيەدە ھەر قانداق كىشى توردىكى ناچار مەزمۇنلارنى بايقىغاندا «قانۇنغا خىلاپ ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش مەركىزى»گە تېلېفون قىلسا ياكى تور ئارقىلىق مەلۇم قىلسا بولىدۇ. ئاۋسترالىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى ئورۇندىكى نازارەت قىلىش تورىغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى تارقىتىپ بېرىلىپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش، ئەھۋال مەلۇم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلگەن.

  «ئىغۋا تارقاتماسلىق»تىن ئىبارەت بۇ «كەسىپ نىزامنامىسى»نىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئاساسىدا، فىرانسىيەدە مۇخبىرلار ۋە تور ئەھلى بىردەك ماسلىشىپ «ئىغۋانى توختىتىش» قاتارلىق ئىغىۋالارغا رەددىيە بېرىش تور پونكىتى قۇرغان. سىنگاپور ھۆكۈمىتى «ئۇچۇر خەرىتىسى تور پونكىتى» ئارقىلىق ئىغۋا ۋە خاتا ئۇچۇرغا رەددىيە بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتكەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە