باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشى(3)

2013.07.18 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپور، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تور مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى قانۇن ماددىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، مەخسۇس قانۇن ياكى ئالاقىدار ماددىلارنى تەسىس قىلىپ، ساھە بويىچە چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. ياپونىيە «خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى»، «ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز ئوقۇشنى چەكلەش قانۇنى» ۋە «ئېلېكتىرونلۇق پۈتۈم قانۇنى» قاتارلىق قانۇن، نىزاملار بىلەن تور بېكىتى، تور بېتى ئارقىلىق تارقىتىش، ئېلېكتىرۇنلۇق ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانۇن – تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى؛ سىنگاپور «رادىيو قانۇنى»دا تور مۇلازىمىتى قىلغۇچى كارخانىسى ISP ۋە ICP سىنىڭ «تور مەشغۇلات قائىدىسى»گە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىندى. يەنە ئىغۋا بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تور بېكىتى ۋە ئۇچۇر، سۆز ئەركىنلىكىنى توسۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئېغىر پىتنە – ئىغۋا پەيدا قىلغانلارنى تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش تەلەپ قىلىندى.

  كورېيە يېڭى «تېلېگراف ئىشلىرى قانۇنى» ئاساسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نېگىزلىك قانۇنى»، «ئۇچۇر ئالاقىسىنى قوغداش قانۇنى»، «ئۇچۇر ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇچۇر قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنى ئېلان قىلدى. «تېلېگراف ئالاقىسى نېگىزلىك قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان، يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق پىتنە–ئىغۋا تارقاتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، 50 مىليون ۋون(25 مىڭ يۈەن) ئىشتىراپ قويۇلىدۇ.

  تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ تور ئەھلىنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ توسۇش ھەر قايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان تەدبىر

  تېخنىكا جەھەتتە تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇنداق ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، مەزمۇننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى، بۇنىڭ ئىچىدە مەزمۇننى تاسقاش، ئەخلەت ئېلخەتكە قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلار بار؛ ئىككىنچى، قىلىمشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى، مەسىلەن، سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى، تور مۇپەتتىشلىكى تېخنىكىسى، ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار؛ ئۈچىنچى، تور ھالىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تېخنىكىسى، تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاش، كېسىپ ئېلىش، تەھلىل قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار.

  تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكىسى پات–پات «شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز يەتكۈزدى» ۋە «سۆز ئەركىنلىكىگە خىلاپ» دېگەندەك تالاش–تارتىشلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئەمما، توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت ۋە شەخسكە كەلتۈرىدىغان زور تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر سۈزۈش تېخنىكىسىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ، سۈزۈش يۇمشاق دېتالىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلاندى ھەم مەمۇرىي جەھەتتە ئارىلىشىپ، توردا ئىغۋا تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈزۈش تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تور نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستېمسىغا ئىگە، شۇنداقلا ناچار ئۇچۇرلار ۋە تېرمىنالنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تىزگىنلىيەلەيدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر ۋە ھەرىكەت مەركىزى ئاشكارا تەشكىللىگەن يۇمشاق دېتال تەرەققىيات شىركەتلىرى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، «facebook«، »Twitter» قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكەتلىرى ۋە بەزى خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ توردا ئاشكارا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك تەسۋىر قىلىپ كۆچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ساقچىلارنىڭ تېررورلۇق، تاسادىپىي ۋەقەلەر، زور ۋەقەلەر، تور جىنايىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق «گۆشخور ھايۋان» ۋە «شوتا ئەترەت» سىستېمىسى بەلگىلەنگەن ئابۇنىچىنىڭ تور پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلىيەلەيدۇ، يەنە ئېلخەتلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا «ئىغۋا ماشىنا ئادىمى» ئارقىلىق بىر نەچچە نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتالنى ياساپ، پىتنە – ئىغۋا مەنبەسى ۋە يۆنىلىشىنى ئىز قوغلاپ تېپىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دەل ۋاقتىدا خەۋەرلىشىش، تور سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، خەتەرلىك سۆز – ھەرىكەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە