ھەر يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرىدىن ئىيۇلنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋاقىت بىر ئوقۇش يىلى ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باكلاۋۇرلۇق ھەتتا ماگىستىرلىق فورمىلىرىنى كىيىشىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار رەتلىك تىزىلىپ ئەستايىدىل سۈرلۈك قىياپەتتە ئوپچە سۈرەتكە چۈشكەندىن باشقا يەنە ھەرخىل «ئالاھىدە» قىياپەتلەردە تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈشمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرى.
مەنبە: خەلق تورى