15-ئىيۇل شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونى شەنياڭ بازىرىدىكى بىر مېۋە-كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىۋىدا تارتىلغان «باشمالتاق تاۋۇز»
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە بىر خىل «باشمالتاق تاۋۇز» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تاۋۇز ئۈچ يىلغا يېقىن يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونى شەنياڭ بازىرىدىكى بىر مېۋە-كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىۋىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يىتىشتۈرۈلدى. «باشمالتاق تاۋۇز» جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بىر خىل «پەپ گىنو» دەپ ئاتىلىدىغان مىۋىدىن كەلگەن بولۇپ، ئوزۇنلۇقى ئاران 3 سانتىمېتىر، ئېتى كۆكۈچ يېشىل رەڭلىك بولۇپ، ئازراق تەملىك، تىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، شاپىقى بىلەن قوشۇپ يېيىشكە بولىدۇ، بازار باھاسى ھەر كلوگرامى تەخمىنەن 160يۈەن.
خەلق تورى