خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇل توردا «ئەڭ نوچى ئايال قاتناش ساقچىسى» دېگەن سىن ئاشكارىلاندى. تاڭشەن تۈرلۈك ماللار چوڭ بىناسىغا يېقىن يول ئۈستىدە، ئىككى نەپەر ئايال قاتناش ساقچىسى كۈپ-كۈندۈزدىلا چاچلىشىپ، ئىرماش-چىرماش بولۇپ ئۇرۇشۇپ كەتتى. كېيىن يەنە بىر ئايال ساقچى كېلىپ ئاجىراتقاندىن كېيىن بۇ «جەڭ» ئاخىرى ئاخىرلاشتى.