- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۆيدە قالغان ئىككى يېرىم ياشلىق قىزچاق ئىككى تال پولات مىق يۇتۇۋېلىپ جاندىن ئايرىلغىلى تاس قالغان(1)
2013.07.16 18:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يېرىم ياشلىق قىزچاق خۇاخۇا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆيدە ئويناۋاتقاندا، تارتمىدىكى ئىككى تال 2 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پارقىراق پولات مىقنى ئۇقماي يۇتۇۋالغان. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ گاۋجوۋ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئېگىلىشىچە، دوختۇرلار ئىچكى ئەينەك ئارقىلىق بىر تال مىقنى ئۇستىلىق بىلەن چىقىرىۋالغان. يەنە بىر تال مىقمۇ كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇنداقلا قىزچاقمۇ خەۋپتىن قۇتۇلغان.
شۇڭا دوختۇرلار ئائىلە باشلىقلىرىنى ئادەتتە بەزىبىر ئۆتكۈر تۆمۈر ئەسۋاپلارنى ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى بالىلارنىڭ يۇتۇۋالماسلىقى ئۈچۈن بالىلار ئالالمايدىغان يەرگە قويۇش لازىم دەپ ئەسكەرتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم