14-ئىيۇل شاڭخەي خۇەيخەي ئوتتۇرا يولىدا، ئوت ئۆچۈرۈش ئالاھىدە خادىملىرى نەق مەيداندا خىزمەت قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 14-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 12دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خۇاڭپۇ تارماق ئىدارىسى 110دا «خۇەيخەي ئوتتۇرا يولى 701-نومۇرلۇق جايدا بىر گۇمانلىق ھىم ئېتىلگەن ياغاچ ساندۇق بايقالدى» دېگەن مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى. قاتناش ساقچىلىرى، ئالاھىدە ساقچىلار، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ساقچىخانا قاتارلىق ئورۇنلار تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىر ساندۇق قۇم ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا خۇەيخەي ئوتتۇرا يولى قىسقا مۇددەت توسۇلدى، تالاپەت ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.