خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەر گېزىتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى فېبرالدا ئامېرىكا فلورىدا شتاتىدا يۈز بەرگەن نېگىر ئۆسمۈر ترايۋون مارتىننىڭ بىر ئاق تەنلىك ياردەمچى ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش دىلوسى فلورىدادىكى بىر سوتتا قاراپ چىقىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى 13-ئىيۇل دىلوغا چېتىشلىق ياردەمچى ساقچى زىممېرمەن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىندى.
ھۆكۈمنى ئاڭلىغان زىممېرمەن كۈلۈمسىرىدى، بىراق كەيپىياتىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھاياجانلىنىپ شاد-خۇراملىققا چۆمدى. ئۆلتۈرۈلگەن ئۆسمۈرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سوتقا چىقمىدى.
بىراق سوت سىرتىدا، زور تۈركۈمدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىلىپ ھۆكۈم نەتىجىسىنى خەۋەر قىلىشنى ساقلىغاندىن باشقا، ئاۋام خەلقمۇ يىغىلىپ، «ئادالەت بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ» دەپ ۋارقىراشتى.