خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق كاتېرىن ئىسىملىك بىر قىزچاق ئىككى يېشىدىن باشلاپ ئۆزىنى ئەمىلىيەتتە ئوغۇل بالا دەپ تۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشى ۋە داۋاملىق چىڭ تۇرۇۋېلىشى ھەمدە پىسخولوگىيە دوختۇرىنىڭ دىئاگىنوزى بىلەن، ئۇ 5 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ جىنسىنى ئوغۇل بالىغا ئۆزگەرتىشكە قوشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن كاتېرىن ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى جىنس ئۆزگەرتكەن ئۆسمۈر بولۇپ قالغان.