باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىبەيپونى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى(2)

2013.07.15 09:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خاتىرە ساراي ئىچىدىكى «يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يىغىندا بەلگىلەنگەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەسلىك؛ سوۋغا قوبۇل قىلماسلىق؛ ھاراقنى ئاز تۇتۇش؛ ئاز ماختاش؛ ئادەم ئىسمىنى يەر-جاي ناملىرى قىلىپ ئىشلەتمەسلىك؛ جۇڭگولۇق يولداشلارنى ماركس، ئېنگىلىس، لېنىن، سىتالىن بىلەن بىر قاتاردا قويماسلىق» دېگەن ئالتە بەلگىلىمە يېزىلغان تاختا ئالدىدا شى جىنپىڭ خېلى ئۇزاققىچە تۇردى.

  كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا تۇرغان شى جىنپىڭ خەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەسلىك دېگەن بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلالىدۇق؛ سوغا قوبۇل قىلماسلىققا نىسبەتەن يەنە مەسىلە بار، شۇڭا «شەكىلۋازلىق، بيۇكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك؛ ھاراقنى ئاز تۇتۇشقا كەلسەك ھازىر ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش تىزگىنلەندى، مۇھىمى بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشتا؛ ئاز ماختاشنى بىزمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز؛ ئادەم ئىسمىنى يەر جاي ناملىرى قىلىپ قوللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ كەلدۇق؛ پارتىيەمىز ئالتىنىچى بەلگىلىمىگە نىسبەتەن ئېنىق تونۇشقا ئىگە.

  چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە شى جىنپىڭ تىك تۆت تەرەپلىك كېسەك ئۆي-مەشھۇر سېنتەبىر يىغىنى ئېچىلغان جايدا ناھىيە، يېزا-كەنت كادىرلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى، بىز ئىنقىلابى مۇقەددەس جاي شى بەيپوغا يېتىپ كېلىپ، ئىنقىلابى ئەجداتلارنىڭ ئۈگۈت نەسىھەتلىرىنى ئەسلەۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر يەنە شىبەيپودىكى يۇرتداشلار بىلەن كۆرۈشتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن شىبەيپوغا كۆپ قېتىم كەلگەن، ھەر قېتىم ئاجايىپ ھۆرمەت تۇيغۇسىدا كېلىمەن، نۇرغۇن خىياللارغا چۆكىمەن. بىز جىڭگاڭشەن، يەنئەن، شى بەيپو قاتارلىق ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارغا ھەر قېتىم كەلگەندە بىر خىل روھى، ئىدىيە جەھەتتە پاكلىنىمىز. ھەر قېتىم كەلگەندە پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە باش مەقسىتى ھەققىدە جانلىق تەربىيەگە ئىگە بولىمىز، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. بىز پارتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب تارىخى ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق. بۇ ئۇلۇغ تارىخنى قانچە ئۆگەنسەك، قەلبىمىز تېخىمۇ زور كۈچ قۇۋەتكە تولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە