باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىنودىن تاسادىپىيلىق يۈز بەرسە يەنە بىر پىلاننى باشلايمەن دېدى(3)

2013.07.04 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گرېنۋولىد سىنودىن ناھايىتى ئالاھىدە مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئارخىپقا ئىگە بولۇشىغا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەت ھازىرلاپ قويدى. ھازىر بۇ ھۆججەتلەرنىڭ شىفىرى تېخىمۇ مەخپىيلەشتۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆججەتكە ئىگە بولغۇچىلاردا مەخپىي نومۇر يوق، شۇڭا ئۇلار ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرەلمەيدۇ دېدى. گرېنۋولىد تولۇقلاپ: سىنودىن ماڭا ئۆزىنىڭ ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقى، ئەگەر ئۆزىگە بىرەر ئىش بولسا، ھۆججەتكە ئىگە بولغۇچىلارنىڭ مۇكەممەل ئارخىپنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھوقۇق چېكىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى دېدى.

  سىنودىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە ئېرىشكەن ھۆججەتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق كوپىيە قىلىۋالغان، بۇ-ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىغا نىسبەتەن يېڭى خىرىس بولدى. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، ئۇلار جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم زىيىنىنى باھالىدى. ئامېرىكا دائىرلىرى سىنودىننى قولغا ئېلىپ، «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىكى سىنودىن شياڭگاڭغا ئېلىپ كەتكەن تۆت مەخپىي دەپتەر كومپيۇتېرنى قولغا چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئاشكارىلىماقچى بولغان مەخپىيەتلىكنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار.

  سىنودىنغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ بىر سابىق جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارى مېنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىدىكى تونۇشلىرىم سىنودىن بۇ ۋەقەنى پىلانلىغانغا بىر نەچچە يىل بولغان، ئۇ پۈتكۈل ئىنتېر تورىغا ھۆججەتلەرنى يوشۇرۇپ قويغان دەپ قارىدى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ئامالى يوق دېدى.

  شىفىرى تېخىمۇ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئارخىپنى باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىشمۇ سىنودىننىڭ 17-ئىيۇن «مۇھاپىزەت گېزىتى» بىلەن توردا قىلغان سۆھبىتىدىكى سىرلىق باياناتىنى ئىسپاتلىدى. سىنودىن ھازىر مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەقەت قاماش ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق پاكىتنى يوشۇرالمايدۇ دەپ ئېيتالايمەن، ھەقىقىي ئەھۋال پات ئارىدا ئايدىڭلىشىدۇ، بۇنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ دېدى. خەۋەرگە قارىغاندا، سىنودىن تاسادىپىيلىق يۈز بەرگەن ھامان، مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: پۇتىن: سىنوۋدىن روسىيەدە قالسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى ئامېرىكىغا زىيان سېلىشنى توختىتىشى لازىم

سىنوۋدىن 21 دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەپمۇ پاناھلىققا ئېرىشەلمىدى

روسىيە تاراتقۇلىرى: سىنوۋدېن روسىيەگە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇندى

ئوباما: سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمەن، دېدى

پۇتىن سىنوۋدىننىڭ ھازىرمۇ موسكىۋا ئايرودۇرۇمىدا ئېكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە