باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىنودىن تاسادىپىيلىق يۈز بەرسە يەنە بىر پىلاننى باشلايمەن دېدى(2)

2013.07.04 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، تاشقى ساھە سىنودىننىڭ ئېكۋاتورغا ماكانلىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭلىقىنى پەرەز قىلدى. ئېكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىنودىننىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئېكۋاتور 25-ئىيۇن كىشىلىك ھوقۇقنى ئويلىشىپ، سىنودىننىڭ سىياسىي پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدۇق دېدى. ئېكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىكاردو پاتىنىئو 25-ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سىنودىن ۋەقەسى ھەققىدە ئېكۋاتور بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. پاتىنىئو ھازىر پەقەت ئاغزاكى پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىمىز، مەن ئۇلاردىن يازما ماتېرىيال تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم، بۇنداق بولغاندا، بىز سىنودىننىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئامېرىكىغا بولغان مەيدانىمىزنى ئويلىشىمىز دېدى.

  ئېكۋاتور پىرېزىدېنتى رافائېل كورىئا دېلگادو مەن سىنودىننى ئېلىپ قېلىش-قالماسلىقنى ئويلاشقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىمەن دېدى. ھالبۇكى، ئېكۋاتورنىڭ سودا-سانائەت ساھەسى سىنودىننى ئېلىپ قالغان ھامان، ئامېرىكىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا سەۋەب بولۇشىدىن ئەنسىرىدى. ئامېرىكا-ئېكۋاتورنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ %40 كە يېقىن ئېكسپورت مەھسۇلاتىنى سېتىۋالىدۇ، يىلىغا توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، ئامېرىكا ئېكۋاتورغا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى قىلىدۇ. ئەمما بۇ مۇئامىلىنىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا توشىدۇ، بۇنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىق ئامېرىكىنىڭ قارارىغا باغلىق.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 25-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرىزما پىلانىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغۇچى سىنودىن بىلەن ئەڭ بالدۇر ئۇچراشقان «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى گرېنۋولىد ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، سىنودىننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە، سىنودىن B پىلاننى تۈزۈپ بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپىنىڭ كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتنى بىر نەچچە ئادەمگە بەردى. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولسا، بۇ ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىدۇ دەپ ئاشكارىلىغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: پۇتىن: سىنوۋدىن روسىيەدە قالسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى ئامېرىكىغا زىيان سېلىشنى توختىتىشى لازىم

سىنوۋدىن 21 دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەپمۇ پاناھلىققا ئېرىشەلمىدى

روسىيە تاراتقۇلىرى: سىنوۋدېن روسىيەگە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇندى

ئوباما: سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمەن، دېدى

پۇتىن سىنوۋدىننىڭ ھازىرمۇ موسكىۋا ئايرودۇرۇمىدا ئېكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە