7-ئاينىڭ 2-كۈنى، تەيفېڭ بورىنى ھۇجۇم قىلغاندا جەنجياڭ دېڭىز قىرغىقىدا زور دېڭىز دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لياڭ جىۋېي فوتوسى)
مۇخبىرنىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك مېتىرولوگىيە ئىدارىسىدىن ئۇقىشىچە كۈچلۈك تروپىك بەلباغ بورىنى « رۇمبىيا » 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 5 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭدوڭ جەنجياڭدا قۇرۇقلۇققا چىققان.
مۆلچەرلىنىشىچە لېيجۇ ئارىلىنى كېسىپ ئۆتۈپ گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونىغا ئۆتىدىكەن؛ بۇنىڭ تەسىرىدىن گۇاڭدوڭنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىدىكى دېڭىز بويى بىلەن دېڭىز يۈزىدە 9 بالدىن 10 بالغىچە كۈچلۈك بوران، 11 بالدىن 13 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. گۇاڭدوڭنىڭ غەربى، جۇجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدوڭنىڭ شەرقىدىكى شەھەر، ناھىيىلەردە قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر، قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدىكەن.