7-ئاينىڭ 1-كۈنى ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا ساياھەت قىلماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ناخشا ئۇسۇل ماكانى»، «مىۋە-چىۋە ماكانى» شىنجاڭ ساياھەتچىلىك ئالتۇن پەسىلىنى كۈتىۋالدى. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبئىي مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ساياھەت ستاتىستىكا ماتىريالىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2012-يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 48 مىليون 600مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم 57 مىليارد 600مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا 23%، 30% ئاشقان. 2013-يىلى 61مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى پىلانلىغان.