7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇزىكانىت گېرمانىيە فرېيبۇرگدا چېدىردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا بايرىمىدا ئويۇن كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013 -يىللىق فرېيبۇرگ چېدىر مۇزىكا بايرىمى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. فرېيبۇرگ چېدىر مۇزىكا بايرىمى چۆپلۈكتىكى دالا چېدىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئۈچ ھەپتە جەريانىدا تاماشىبىنلار تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىسى، مودا مۇزىكا، جاز مۇزىكىسى، كىلاسسىك مۇزىكا ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مۇزىكا نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. مۇزىكا بايرىمى تۇنجى يولغا قويۇلغان 1983-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 17 مىڭدىن ئارتۇق سەنئەتكار بۇ يەردە ئويۇن كۆرسەتتى، ھەر يىلى 120 مىڭدىن كۆپرەك تاماشىبىن كېلىپ كۆرىدۇ.( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو خۇەن خۇەن فوتوسى)