چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»نىڭ 1-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ 851-قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمدىكى توپچى ئەسكەرلەرنىڭ مەشىقىنى كۆرگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ھەرۋاقىت بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئالىي قوماندانلىق ئىشتابى بۇيرۇق بەرسىلا ھەر ۋاقىت دۈشمەننى تارمار قىلىشقا ئاتلىنىدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغداش ئۈچۈن، توپ ئېتىش تەييارلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.