يۇغانباش بالا ۋە غوزەكباش دادا فىلىمى نۇرغۇنلىغان كىچىك، قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ كۆرۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. يۇغانباش بالا ئىنتايىن كەپسز ۋە ئۇماق، دادىسى بولسا بالىسىنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىنى قاناتلاندۇرۇشقا تىرىشىدىغان كۆيۈمچان دادا، يەنە پەرتۇق ئانىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئۈچەيلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئۇلار ھازىرقى دەۋردىكى جۇڭگو ئائىلە تەربىيەسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىشى. بۇ ئاددىي ئائىلىدە ھازىرلانغان خاراكتېر ھەممىلا ئائىلىدە بولۇشى ناتايىن، چۈنكى بۇ ئائىلە كۈچلۈك بولغان رېئاللىق شۇنداقلا قۇيۇق بولغان فانتازىيەلىك قۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن.