ساقچى باشلىقى قارا مۈشۈك فىلىمىدىكى ۋەقەلىكلەر ئاساسلىقى بىر ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، فىلىمدا ئورمان ساقچىخانىسىدىكى ساقچى باشلىقى قارا مۈشۈك ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى سىنىپ باشلىقى ئاق مۈشۈك، رازۋېدچىك ئاق كەپتەر شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ساقچىلارنى يېتەكلەپ دېلو پاش قىلىپ، ئورمانلىقنىڭ ئامانلىقىنى ساقلىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.