26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ساياھەتچىلەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىگە كېلىپ، باغراش كۆلىنىڭ «ئاخۇن كەلدى» بۆلىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى، كاتىرغا چۈشۈپ، ئېلىمىزنىڭ «ئەڭ غەربىدىكى دېڭىز» دەپ ئاتالغان بۇ كۆلدە بىپايان كەتكەن قۇمۇشزارلىقلارنى، تۈرلۈل ياۋايى قۇشلارنى كۆردى، چۈشتە بۇ يەردە بېرىلگەن بېلىق زىياپىتىگە داخىل بولغاچ، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئېسىل ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن بەھر ئالدى.
ــ دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىي يىپەك يولى بۆلىكىدىكى بۇ شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ماڭا بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە بىر پۇرسەت بولدى، بۇ قېتىم جۇڭگو ياشلار كوپىراتىپى شىنجاڭ شېركىتى بىلەن ئۆكتەبىرگىچە 500 كىشىلىك ئۆمەك تەشكىللەش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدىم، مېنىڭچە مېنىڭ ئەكەلگەن مېھمانلىرىم بۇ يەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرگەندە چوقۇم ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ،- دېدى خاربىن «ۋەننائېر» ساياھەت كوپىراتىپى مەسئۇلى جاڭ چاڭجۇ ماڭا.
ئالتە كۈنلۈك بايرام جەريانىدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ لېنىيىسىگە ئايرىلىپ گۈزەل شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان مېھمانلارنىڭ ئورتاق تونۇشى شۇ بولدىكى، شىنجاڭغا كەلمىگەنلەر ۋەتەننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى، گۈزەللىكىنى بىلەلمەيدىكەن. شىنجاڭ ھەربىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى بىر كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزىيدىغان گۈزەل، ياخشى ماكان ئىكەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)