باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مېھمانلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى (1)

2013.06.28 14:41   مەنبە: خەلق تورى

يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مېھمانلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى (1)

  20 – ئىيۇن چۈشتە 9 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقارا ساياھەت بايرىمىغا قاتناشقان 21 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 198 نەپەر ئەزىز مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يەتتە ئاپتوبۇستا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار، يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى كەچتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز كورلا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

  21– ئىيۇن ئەتىگەندە قوزغالغان ئاپتوموبىل ئەترىتى چۈشتە كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك ئاقسۇ دولان – كۆسەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىغا ئىشتراك بولدى. قىزىل مىڭ ئۆيدىكى ھەرخىل تام رەسىملىرىنى كۆردى، داڭلىق ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى تارقاتقۇچىسى كومارىجىۋانىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشتى، قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان كۈسەن مەدەنىيىتى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي مەردان مۇقىيىت زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىغان ئاقسۇ دولان – كۆسەن مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى ئارقىلىق بىز ئاقسۇ دىيارىدىكى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىقنى، جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا تارىم دەرياسىنى، يارداڭ يەر شەكلىدىكى تەڭرىتاغ جىلغىسىنى، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ مىڭ ئۆينىڭ بىرى بولغان قىزىل مىڭ ئۆيىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە سەنئىتى بولغان سەنەم، مەشرەپ ۋە دولان مەدەنىيىتىنى جۇڭگو ۋە چەتئەل ساياھەتچىلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، ئۇنى شىنجاڭدىكى 3 – چوڭ ساياھەت ماكانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

 تەۋسىيە

·باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بىرتۇتاش سىناق» ئازابىنى يەڭگىللىتەيلى
·بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ 
·ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى نېمىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ
·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى
·2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ 
·تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس يىلغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ 
·دۆلىتىمىزدە بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشتا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە قارىمايدۇ، …
·شىنخۇا تورى ئىختىساسلىقلار قانىلى: %60كە يېقىن ئادەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن «ۋاز كېچىش»نىڭ ئەڭ م…
·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 77 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ 
·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياقلاشقاندا ئائىلە ئەزالىرى پەرزەنتلىرىگە غەلىبە تىلەپ گۈل سوۋغا قىلىشتى