باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنى كېچىكتۈردى، تالىبان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى يەنە تىلغا ئالدى(3)

2013.06.25 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىراق، ئامېرىكا ئاگېنتلىقىدا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ قامىلىپ تۇرغان تالىبانلارنى قويۇپ بېرىشى ئاسان ئەمەس، چوقۇم پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، بىراق نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بۇندىن بۇرۇنلا گۇانتانامو تۈرمىسىدە قامالغان تالىبانلارنى قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرغان.

  بوگدار ھازىر 27 ياش، 2009-يىلى ئەسىرگە چۈشكەن، تالىبانلار تۇتقۇن قىلغان بىردىنبىر ئامېرىكا ئەسكىرى. ئامېرىكا بىلەن تالىبان 2011-يىلى بىر مەزگىل قاماقتىكى بەش تالىبان ئەزاسىنى بوگدار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۈستىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان ئىدى، بىراق ئاخىرى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنمىغان. تالىبان ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ئېنىق ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ سۆھبەتنى توختاتقان.

  نۇرغۇن ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى 20-ئىيۇن مۇنداق دېدى: پاكىستان ئارمىيەسى تالىبان بىلەن سىرتنىڭ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەيسا چاۋدۇر مۇنداق دېدى: پاكىستان يېقىنقى نەچچە ئاي ئىچىدە تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپادا كۆپ قېتىم مەخپىي ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشكارا سۆھبەتكە ئاساس سالدى. ھازىرقى باسقۇچتا نۇرغۇن ۋەكىللەر دەۋھەگە قاراپ يول ئالماقتا... بىز ئاخىرىدا بۇنىڭ ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئىچكى سۆھبىتىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان پاكىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئالغا سىلجىتىشىمىز بولمىسا، ئاخىرىدا سۆھبەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىر تەرەپتىن، بىز تالىبانلارغا سۆھبەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئافغانىستاندىكى باشقا گۇرۇھ ئەزالىرىغا، سۆھبەتنىڭ تالىباننىڭمۇ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى كېررى، ئافغانىستاننىڭ پىرېزىدېنتى كارزايى ۋە پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى پېرۋېز غىيانى بۇ يىل ئاپرېلدا بېريۇسسېلدا كۆرۈشتى، بۇ دەۋھە سۆھبىتى شەكىللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى بولدى.

  نۇرغۇن غەرب ئەللىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى مۇنداق دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى: پاكىستان ئافغانىستاننىڭ قوشنا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرىدا تەڭشىگۈچلۈك رول ئويناپ، ئافغانىستان دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تېخىمۇ خالايدۇ.

  ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى داۋالغۇش 12 يىل داۋاملىشىپ، قوشنا دۆلەت پاكىستاننى بالاغا ئۇچراتتى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى يېڭى ئامېرىكا فوندى جەمئىيىتى ئىلگىرى ئىستاتېستىكا قىلىپ، ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىنىڭ پاكىستان تەرىپىگە ئاز دېگەندىمۇ 355 قېتىم ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغاپ، پاكىستانغا يوشۇرۇنغان تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئەزالىرىغا زەربە بەرگەن دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە