باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنى كېچىكتۈردى، تالىبان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى يەنە تىلغا ئالدى(2)

2013.06.25 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزى تەھلىلچىلەر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تالىباننىڭ دەۋھەدە ئالاقە ئورنى تەسىس قىلىشى ھەمدە ھۆكۈمەت تۈسىنى ئالغان سۆزلىشىشلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇلار تالىپانلارنىڭ بۇ ئالاقە ئورنى تالىبان قاچاق ھۆكۈمىتىگە ئايلىنىپ قېلىپ، كارزايى ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىغا خىرىس پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  كىررىي 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە دەۋھەدە زىيارەتتە بولۇپ، سۇرىيەنىڭ دوستى يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ بەلكىم ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تالىبان ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشمەيدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشتە تالىبان دائىرىلىرى سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى. تالىپاننىڭ دەۋھەدىكى ئالاقە ئورنىنىڭ باياناتچىسى شاخىن سۇخەيلى 20-ئىيۇن مۇنداق دېدى: 2009-يىلى ئەسرگە چۈشكەن ئامېرىكا ئەسكىرى باۋ بوگدارنىڭ ئەھۋالى ياخشى. تالىبان بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلغان قارالما بويىچە گۇەنتانامۇدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلغان تالىباننىڭ بەش ئەزاسى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، بوگدارنى قويۇپ بېرىشنى خالايدۇ.

  سۇخەيلى مۇنداق دېدى: ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشتىكى مۇھىم قارالمىسى. ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ قاماپ قويۇلغان خادىملىرىنى قويۇپ بېرىشى، ئاندىن كېيىن ئىشەنچ ئورنىتىپ سۆھبەت مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بۇ باياناتچى بوگدارنى قاماپ قويغان كونكرېت ئورۇننى ئاشكارىلىمىدى.

  نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارى 20-ئىيۇن مۇنۇلارنى جەزملەشتۈردى: ئەسلىدە شۇ كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆھبەت بىر قانچە كۈن كېچىكتۈرۈلدى. بەزى تەھلىلچىلەر ئانالىز قىلىپ: سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىباننىڭ دەۋھەدە ئالاقە ئورنى تەسىس قىلىش دەرىجىسىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن دېدى.

  بەزى تاراتقۇلار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرى تالىبانبىڭ سىرت بىلەن سۆزلىشىشنى باشلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

  كېررى 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە دەۋھەدە زىيارەتتە بولۇشنى بېكىتكەن بولۇپ، سۈرىيە دوستى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستاننىڭ تىنچ ئىلگىرىلەش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىزمۇ تالىباننىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشمەيدۇ.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساج تالىباننىڭ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىگە قارىتا مۇنداق دېدى: تالىبان بۇندىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش تەكلىپلەرنى بەرگەن، بىز بۇنى ئالدىن مۆلچەرلىدۇق. سۆھبەتنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز قارشى تەرەپ بىلەن بۇ مەسىلىنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىشنى خالايمىز.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە