باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ خىيالى گانانى ئويلاندۇردى(3)

2013.06.25 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئەلئارا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار دۆلەتتىن چىقىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ھەمدە جۇڭگولۇق پۇقرالارنى چەتئەللەردىكى ئەلئارا سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تەرەپلەر ئەلئارىسىدىكى ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۇۋاپىق يېتەكلەش ۋە قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن تەربىيىلىشى كېرەك. ئىگىلىنىشىچە، گاناغا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىشقا بارغان جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىكنىڭ قانۇنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشەنمەيدىكەن. نۇرغۇنلىرى يەرلىك يەر ئىگىلىرى بىلەن كان قېزىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل كېلىشىمنىڭ قانۇن كۈچىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى ئۇقمايدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن زىددىيەت ئېغىرلاپ كەتكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتتىن ئايرىلغان ئەلئارىسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، يەرلىككە دائىر ساۋاتلارنى ئىگىلەپ، خېيىم خەتەردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەمگەكچىلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خېيىم خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە كەسپىي جەمئىيەتلەر، ئەمگەك شىركەتلىرى قاتارلىق شەكىلدىكى ئەلئارا ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ئارقىلىق تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەتەرگە ئۇچراش دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە