باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ خىيالى گانانى ئويلاندۇردى(2)

2013.06.25 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچىدىن، قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلار پائالىيىتى كان رايونىدىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى ئېغىرلىتىۋەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەزى كان نۇقتىلىرىدا ئالتۇن قېزىش پائالىيەتلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلمەستىن، ھەتتا كان سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش خاھىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى. قانۇنسىز كان ئېچىش سەۋەبىدىن دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، ھەقىقىي باي بولغانلار ئالتۇن كاننى ئېچىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرگەن يەر ئىگىلىرى ۋە قىسمەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بولدى. مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ كىچىك تىپتىكى ئالتۇن كان قازغۇچىلاردىن باج ئالمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، گانادىكى ئالتۇن قېزىشقا قاتناشقان جۇڭگولۇق قىسمەن مەبلەغ سالغۇچىلار، نۇرغۇن قېتىم پاي قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ئەسۋابلارنى سېتىۋېلىپ ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلغان، قىسمەنلىرى ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ئىكەن. بۇ كان قازغۇچىلارنىڭ يەرلىكنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىگە بولغان چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاساسەن دېگۈدەك يەرلىكنىڭ خۇسۇسىي يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كان ئېچىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ مەسىلە جۇڭگو بىلەن گانانىڭ ناھايىتى دىققىتىنى قوزغىدى. گانا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ گانادا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىشى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغان مەسىلە. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ ئىزچىل پائال تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: قانۇنسىز كان ئېچىش ۋەقەسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال ئالاقىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش مەسىلىسى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنسا، ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال ئىقتىسادى ئىجتىمائىي ئالاقىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسپىدە دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

  گانا ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: گانا بىلەن جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان دوستانە مۇناسىۋەتتە بولدى، گانانىڭ تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى جۇڭگولۇقلارغىلا قارىتىلغان ئەمەس، گانادا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىۋاتقان بارلىق چەتئەللىكلەر ۋە گانالىقلارغا قارىتىلغان. گانانىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇقى چوڭقۇر. گانادا قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرى ۋە خەلقى گانانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. گانا جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ گاناغا كېلىپ قانۇنلۇق مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە