22- ئىيۇن ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىنىڭ ئەسلى ئورنىغا يېقىن جايدا، «فرانسىيە ئارمىيىسى» بىلەن «بىرلەشمە ئارمىيە» جەڭ قىلدى.شۇ كۈنى، ھەربىي ئىشلار ۋە تارىخ ھەۋەسكارلىرى ئىلگىرىكى ھەربىي فورمىلارنى كىيىشىپ، بۇ جايدا مەشھۇر ۋاتېرلۇ جېڭىنى قايتا نامايەن قىلدى. 1815-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ناپالىئون قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ئەنگىلىيە كىنەزى ۋىللىڭتون قوماندانلىقىدىكى ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن بىلگىيە بىريۇسېلنىڭ جەنۇبىغا 20كىلومېتىر كېلىدىغان ۋاتېرلۇ بازىرىدا يۈرەكنى تىترىتىدىغان شىددەتلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. بۇ جەڭ 12سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرىدا ناپولىئوننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ناپولىئون قايتا جانلىنالمىدى، «ۋاتېرلۇ»مۇ مەغلۇبىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. (سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن جوۋ لېي تارتقان.)