يونانلىق جۇغراپىيەشۇناس سىچرابو (مىلادىن بۇرۇنقى 63، 64-يىللىرىدىن تەخمىنەن مىلادى 24-يىلى) بۇ دەزاخ دەرۋازىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «بۇ يەردىن قۇيۇق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، بۇ تۇمان خۇددى زەھەرلىك گازغىلا ئوخشايدىغان بولۇپ، يەر يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق جانلىق بۇ ئۆڭكۈرگە كىرسىلا شۇ ھامان ئۆلىدۇ. مەن قۇشقاچنى ئىچىگە تاشلاپ باقتىم، ئۇلارنىڭ دەرھال نەپسى توختاپ، ئۆلۈپ قالدى.»