باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى(3)

2013.06.17 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھائىن خانىم بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىمىز ئاساسلىقى-كىشىلەرگە مۇھىت ئاسراشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ تۇتۇش قىلىپ، مۇھىت ئېڭى تۇرغۇزۇشقا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى. ھائىن خانىم بىز يەنە چوڭ جىلغا جەمئىيىتى دېگەن بىر پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات قۇرۇدۇق، بۇ تەشكىلات-مۇھىت ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قوللانمىلار بىلەن تەمىنلەش ھەم ئالاقىدار راسخوتلارنى توپلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بۇ تەشكىلات ساياھەتچىلەرنىڭ باغچىنىڭ ئىشلىرى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، قاتنىشىش ئېڭى يېتىلدۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىدا 600 گە يېقىن رەسمىي خىزمەتچى بار ئىكەن، باغچىدىكى بوتكىلار ۋە باشقا تارماقلارنىڭ خادىملىرىنى قوشقاندا، جەمئىي 1500 گە يېقىنلىشىدىكەن. لېكىن غايەت كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىزمەتچىلەر يەنىلا ناھايىتى ئاز ئىكەن. بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، باغچە باشقۇرۇش تارمىقى ساياھەتچىلەرنىڭ پىدائىي سالاھىيىتى بىلەن باغچىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش قارارىنى چىقاردى. ھائىن خانىم مەن ئىشلىگەن تارماقتا خىزمەت قىلغان پىدائىيلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى 30 مىڭ سائەتكە يېقىنلاشتى. ئۇلارنىڭ خىزمەت مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئاق باش بۈركۈتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئوت ئوتاش، ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى پەرۋىش قىلىش، ساياھەتچىلەرگە يېتەكچى بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۇلار قاتناشمىسا، بىز بۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتۇق دېدى. بۇندىن باشقا، باغچە يەنە باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى ۋە پايدا ئالمايدىغان ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە