باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى(2)

2013.06.17 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغچە ساياھەتچىلەرگە ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا، شىر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەڭ زور چەكتە شارائىت ھازىرلاپ، ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بولغان پايدىسىز تەسىرىنى تېرىشىپ ئازايتىپ، ئىككىسىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. قايسى جايلاردا ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلەش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە باغچە كونكرېت لايىھە چىقاردى.

  چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىدا زور دەرىجىدە ئېچىلمىغان بىر قىسىم جايلار بار. ھائىن خانىم مۇنداق دېدى: ئاشۇ يەرلەردىكى تەبىئىي مەنزىرىلەرنى قوغداش ھەم ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە تەسىرات ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، بىز ئاشۇ جايلارغا بېرىپ تاماشا قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا چەك قويدۇق، بۇنىڭدىكى كونكرېت ئۇسۇل ساياھەتچىلەرنى توردا ئالدىن كېلىشىشكە كۆندۈرۈش بولدى. بىز يەنە مەلۇم ۋاقىتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ساياھەتچىلەر بىر قەدەر ئاز بولغان چاغلاردا ساياھەتكە كېلىشىگە قولايلىق تۇغدۇردۇق.

  چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسى ھەر يىلى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى بەش مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭغا غايەت كۆپ ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، سۇ جەھەتتىكى كاپالەت كېتىدۇ. ھائىن خانىم بىز تەبىئەتتىن ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەبىئەتكە قايتۇرۇشقىمۇ تېرىشتۇق دېدى. باغچە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، باغچىدىكى بىر قىسىم قەدىمىي ئىمارەتلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتى. مەسىلەن: ئىشخانا بىناسىغا تەبىئىي يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتتى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە چىقاردى، يامغۇر سۈيىنى يىغىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يىغىلغان يامغۇر سۈيى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى سۇغاردى ياكى تەرەت ئېقىتتى.

  بۇندىن باشقا، باغچە باشقۇرۇش تارمىقى بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپ، باغچە ئىچىدە بوتۇلكىلىق سۇ سېتىشنى چەكلەش قارارىنى چىقاردى، بىراق باغچە ئىچىدە يەنە نۇرغۇن سۇ تەمىنات پونكىتلىرىنى كۆپەيتتى. ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى بوتۇلكا ئەكەلسىمۇ ياكى يىغىۋالغىلى بولىدىغان بوتۇلكىلارنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، باغچە ھەقسىز ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھائىن خانىم بوتۇلكىلىق سۇ پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە نۇرغۇن ئەخلەت پەيدا قىلىش، ھازىر ساياھەتچىلەر بۇ ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلاشماقتا دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باغچىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندا، كىشىلەرگە تەبىئەتنى ئاسراش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن، تەربىيە لېكسىيەسىمۇ باغچىنىڭ بىر مۇھىم ئىقتىدارى ئىكەن. ھائىن خانىم بىز مەخسۇس كىشىلەرنى بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل قىلدۇق، ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق بىر ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتېر تورى ئارقىلىق، باغچە باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەبىئەت، ھاۋا، سۇ، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قانداق ئاسراش ساۋاتلىرىنى ئۆگەنسە بولىدۇ دېدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە