باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلار تىز سۈرئەتلىك ئاممىۋىي ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى چىڭىتتى(3)

2013.06.13 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لوۋ چىنجيەن مەخسۇس ئاپتوۋۇزغا چىقىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردى ۋە سۈرۈشتۈردى، ئۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىشتىن قاتتىق ساقلىنىشنى تەكىتلىدى، شىئەن تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن، زور كۆلەملىك ئوڭشاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. يېقىندا جىنەن شەھىرى 4400 دىن ئارتۇق ئاپتوۋوزنى تەكشۈردى ھەمدە بېكەتلەرگە خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىشنى مەنئىي قىلىش ھەققىدە ئېلان چاپلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شوپۇرلارنىڭ يولۇچىلارنىڭ ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىشنى مەنئىي قىلىش ھەقىقىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، گۇمانلىق نەرسىلەرنى سوراش، گۇمانلىق نەرسىلەرنى تەكشۈرۈشنى قايتا تەكىتلىدى.

  شيامىندا ئاپتوۋوزغا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن نەنجىڭ مىترو سىستېمىسى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كۈچى ۋە چارىلاپ تەكشۈرۈش كۈچىنى ئاشۇردى، ئادەملەر بىر قەدەر مۇرەككەپ نەنجىنىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا رەڭلىك مېتال، سۇيۇقلۇق ۋە پارتلىتىش دورىلىرىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى شۇنداقلا ئۆتۈش يولىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، باشقا نۇقتىلىق ۋوگزاللار ئۈچىنى چوقۇم تەكشۈرۈش يەنى چوڭ چامىدانلار، سۇيۇقلۇق قاچىلانغان نەرسىلەر، گۇمانلىق سومكىلارنى تەكشۈرۈش تەلىپى بويىچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى.

  بېيجىڭ مىترو تارماقلىرى بۇ ئىككى كۈندە خەۋەر ئېلان قىلىپ بېيجىڭ ساقچى تەرەپنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رېلىسلىق قاتناش بېكەتلىرى ئېغىزى، قاتناش يولى، ۋوگزال سۇپىسى، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى قاتارلىقلارنى قاپلىغان رېلىسلىق قاتناش يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بىرگەۋدىلەشكەن ساقچى ئىشلىرى خىزمىتى قېلىپىنى باشلاپ، ئاممىۋى قاتناش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش دەرىجىسىنى ئاشۇرغانلىقى، سومكا ۋە سۇيۇقلۇقلارنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى تېررورلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: جايلارنىڭ بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش تەدبىرىنىڭ ماھايەتلىك ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئەمما قارغۇلارچە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ، قاراتمىلىق بولۇشى كېرەك.

  توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش قۇرۇلۇش فاكولتىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋگۇاڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قاتتىق بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئاممىۋى قاتناش ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، يېڭى تېخنىكا قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىۋى قاتناش سستېمىسى پىلانى، لايىھەسى، باشقۇرۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممۋى قاتناش بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق تەدبىرلەرنى كۆپرەك تۈزۈش لازىم.

  جۇڭگو ئاۋازى كۈزەتكۈچىسى بەي يۇ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ھەر بىر يولۇچىنى ئاممىۋى قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ كۈزەتكۈچىسىگە ئايلاندۇرۇش، يولۇچىلار ئارىسىدا بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش شۇنداقلا ۋاگونلار ئارا ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە