پېسكوۋنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە بىرىنچى خانىمىنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا كۆرۈنمىگىنىگە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىكەن. مۇخبىر پېسكوۋدىن بىرىنچى خانىم پۇتىن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەن؟ دەپ سورالغاندا، پېسكوۋ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، مېنىڭچە بىز بىرىنچى خانىمنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئارىلاشمىساق ياخشى بولارمىكىن دەيمەن.