باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى(2)

2013.06.09 13:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلارنىڭ ئەكسىچە، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۇدا بەش يىل ئازايدى. ئىمتىھان بېرىش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازىيىشى ھەم چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يۈزلىنىش كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئۆزگەرمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىر مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئازايدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تىزىملىتىش ياكى ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كېچىش، ئارزۇ توشقۇزۇشتىن ۋاز كېچىش، مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ۋاز كېچىش يۈزلىنىشى كۈنسايىن ئومۇملىشىشقا باشلىدى. تەھلىلدە، ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ ئازىيىشىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى-تۇغۇلغانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىشى، يەنە بىر سەۋەب-تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا چەتئەللەرگە ئوقۇشقا بارىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى دەپ قارالدى.

  بۇ يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى. باشقا يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە ئېلىپ كەلگەن نەچچە مىڭ پەرزەنتى ئۆز نوپۇسىدىن باشقا جايلاردىكى ئىمتىھانغا قاتناشتى. بۇ-جۇڭگونىڭ مائارىپ ئادىللىقىدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن يىل بېشىدا ئېچىلغان بۇ يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، 2012-يىلى چىقىرىلغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ جايلاردا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش پىكرىدە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدىكى شىزاڭدىن باشقا جايلار گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقاردى دەپ ئاشكارىلىدى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل جۇڭگودا 20 گە يېقىن ئۆلكە باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇنىڭغا تىزىملاتقانلار نەچچە مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، چۇڭچىڭ، خۇنەن، جېجياڭ قاتارلىق ئاز ساندىكى جايلاردا مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە ئىككى، ئۈچ يۈز بولغان. خەۋەرگە قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى نومۇر ئۆلكىلىرىنىڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى بۇ يىل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇبېي، جياڭسۇ قاتارلىق ئىمتىھان بېرىش توساقلىرى كۆپ بولمىغان جايلاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولمىغانلىقى، باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىشنىڭ تۇنجى يىلى ئومۇميۈزلۈك سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ئايان بولغان.

  مائارىپچى شيوڭ بىڭچى بۇ قاراشنى تەھلىل قىلىپ، بۇ رايونلار باشقا يەرلەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشتىكى زىددىيەت گەۋدىلىك جايلار ئەمەس، ھەر بىر ئائىلە ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، ئەڭ ياخشى جاينى تاللايدۇ، كۆچمە نوپۇسى، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغان بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئەھۋال تامامەن ئوخشىمايدۇ دېدى. بەزى ئالىملار يەنە باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىش سىياسىتى-ھۆكۈمەتنىڭ پىكرى سۈپىتىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا تەشۋىش پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەتتىكى ئالاقىدار ئامىللار ياكى تەرتىپلەر ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسا، باشقا جايلاردىكى ئائىلىلەردە ئېنىق نىشان بولماي گاڭگىراپ قالىدۇ دەپ قارىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە