باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۇرىيە ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چىقىش يول بولۇپ قالدى
(2)

2013.06.09 13:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە چېرا سىرتىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ «سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھى ۋە ئىنقىلاب كۈچلىرى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى»نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى گۇئورگى سابۇرا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قۇسېرنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى، ئۇ «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارميىىسى»نىڭ لاگىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا قۇسېر ئۇرۇش مەيدانىنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىدە مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەب بار ئىكەن: بىرىنچىسى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىلۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئىران قوراللىق خادىملىرىغا تايىنىپ بۇ بازارنىڭ زور كۆپ قىسم رايونىنى ئىگىلۋالغان. ئىككىچىدىن، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قامىلى ۋە مۇھاسىرى «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسى»نىڭ ئوق دورىلىرى ھەمدە ئۇرۇش خادىملىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ قويغان. ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئارميىىسى ئۇرۇش ئايروپىلانى، توپ- زەمبىرەك ۋە يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشقا سېلىپ ئۆكتىچى گۇرۇھقا ئومۇميۈزلۈك زەربە بەرگەن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇرۇش مەيدانىدا سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ غەلىبە خەۋىرى ئۈزۈلمىدى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ ئۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇندىن بۇرۇنقى ئۇدۇلدىن ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى ئاز قوللاندى. بۇندىن باشقا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى يەنە ئەسكىرى كۈچىنى زورايتىپ، ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى سەپلەپ زەربە بەردى ھەمدە ھاۋادىن زەربە بېرىپ، ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم جارى قىلدۇردى.

  ھازىر، ئۇرۇش ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارميىسىگە پايدىلىق، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت ھەمدە سۇرىيە كىرزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىدىن يەنىلا ۋاز كەچمىدى. سۇرىيەنىڭ باش مىنىستىرى خالىج بارلىق سۇرىيەلىكلەرنىڭ مەملىكەتلىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشنى قوللىشى ھەمدە ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى بۇ ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ تەشكىلاتى سۇرىيە مەملىكەتلىك دىموكىراتىك ئۆزگىرىش ياساش كۈچلىرى مىللىي ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى سافۇۋان ئاقاش مۇنداق دېدى: تەشكىلاتىمىز توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بېكىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  ھازىر، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، رۇسىيە تەكلىپ قىلغان سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن «مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى» ماينىڭ ئاخىرى خەلقئارا جەمئىيەت قۇسېر بازىرىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشقا ئارىلاشمىغۇچە ھەمدە توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىلمىگۈچە، يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  ئەمما ئاقاش ئېيتقاندەك: ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى تېخىمۇ كۆپ سۇرىيەلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر كىرزىسىنى قانداق قىلغاندا سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك. ناۋادا ئىسرائىلىيە سۇرىيە كىرزىسىنى ھەربىي ئىشلارنىڭ ئىلگىرلىشى ئارقىلىق ئۆلچىسە، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بولسۇن ياكى ئۆكتىچى گۇرۇھ بولسۇن، يەڭگۈچى ۋە يېڭىلگۈچى مەۋجۇت بولمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە