باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۇرىيە ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چىقىش يول بولۇپ قالدى
(1)

2013.06.09 13:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى 5-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم بازار قۇسېرنى پۈتۈنلەي بېسىۋالدى. سۇرىيەنىڭ باش مىنىستىرى خالىج: قۇسېر بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا پۈتۈن ئۇرۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ دەرۋازىسى دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېيتقاندەك قۇسېردىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك بازارنى ئىگىلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ سۆھبىتىگىمۇ ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارايدىغان بولساق، سۇرىيە كىرزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاش.

  قۇسېر بازىرى سۇرىيە بىلەن لىۋان چېگرىسىغا يېقىن بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئاساسلىق شەھەر خۇمۇس ھەمدە خۇمۇس بىلەن پايتەخت دەمەشىق ئارىسىدىكى تاشيولغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇ سۇرىيە توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ تالاش تارتىش قىلىۋاتقان ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم جاي. ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ مۇھىم رايوننى ئىگىلىۋېلىشى سۇرىيەنىڭ ئىستىراتىگىيىسى ۋە ھاكىمىيتىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرىنچى، ھۆكۈمەت قۇسېرنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ مۇھىم تەمىنات لىنىيىسىنى ئۈزۈۋەتتى. سۇرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى تالىب ئىبراھىم شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قۇسېرنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇنى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ سۇرىيە چېگرىسىغا قورال ياراق توشۇش ۋە تەمىنات يەتكۈزۈشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندۇردى دېدى.

  ئىككىنچى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى جەنۇبتىن شىمالغا بارىدىغان دەمەشىق-خۇمۇس-شىمالدىكى دېڭىز بويىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك يادرولۇق رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قۇسېر بۇ ئىستىراتىگىيىلىك يادرولۇق رايوننىڭ بىر دەرۋازىسى، ناۋادا ئۇ داۋاملىق ئۆكتىچى گۇرۇھ تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنسا، ئۇنداقتا ئۆكتىچىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا قىسىمدىكى خۇمۇس شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى جەنۇب ۋە شىمالدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا يېتىم قالدۇرۇپ قويىدۇ.

  ئۈچىنچى، جىددي ئەھۋال ئاستىدا چېكىنش يولى ئېچىلىدۇ. ناۋادا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى دەمەشىقتىكى ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، قۇسېر بازىرىنى ساقلاپ قېلىش سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خادىملىرىنىڭ غەربىي شىمالدىكى رايونلارغا بىخەتەر چېكىنەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تۆتىنچى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدىكى سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا سالىدىغان دەسمايىسى كۆپىيىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى قىسمەن دۆلەتلەر سۇرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا، غەرب ئەللىرى خىمىيىلىك قورال ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ جەڭ مېۋىسى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بوشلۇقىنى شەك شۇبھىسىزكى كېڭەيتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە