باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تومۇزدىكى ھىندىستان ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى(3)

2013.06.08 15:24  

تومۇزدىكى ھىندىستان ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى(3)

  تومۇز ئىسسىقنىڭ سەۋەبىدىن، ھىندىستاننىڭ غەربى ۋە شىمالىدا كەڭ دائىرىدە توك توختىدى، ئاھالىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى، ھەتتا ئېلېكتىر شىركىتى بىناسى ۋە ئۇنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

  يېقىندا، ھىندىستاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى قاتتىق ئۆرلەپ 47 سىلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، ھالبۇكى ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى ناچار، توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرسىز بولغاچقا، يەرلىك ئاھالىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالدى، ھەتتا ئېلېكتىر موتورلۇق سۇ پومپىسى (سۇ تارتىش ماشىنىسى) نى ئىشلىتىشكىمۇ ئامال بولمىغاچقا، ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە سائەت سۇ توختاپ قالدى. ھىندىستان ئوتتار پرادېشنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا، شەھەر خەلقى غەزىپىنى باسالماي، ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوت قويۇپ، ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ نۇرغۇن خادىمىنى نەچچە سائەت قورشاۋغا ئېلىۋالدى. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ئاز دېگەندىمۇ 21 ئادەم زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ۋە ھۆكۈمەت مال-مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز