Rana تارۇ قەبىلىسى نېپالنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىكتە ياشايدۇ، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلغان جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ياراتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ. بىراق بۇ قەبىلىنىڭ تارىخى يەنىلا سىر بولۇپ كەلمەكتە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، 400 يىل بۇرۇن، نەچچە يىل ئۇدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۇل خوتۇنلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋەتكەچكە، ئۇلار بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ نىسبەتەن يېپىق رايونلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن.
بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى فىرانسىيەلىك فوتوگراف Eric Valli تارتقان.